بىرمادا ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ

بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇچىنىڭ «مەملىكەتلىك دېموكراتىيە بىرلەشمە پارتىيەسى» نىڭ تارقىتىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1643135
بىرمادا ئاڭ سان سۇچىنىڭ پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلەشمە سايلام كومىتېتى بۈگۈن (2021-يىلى 21-ماي) پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېچىلغان يىغىندا، 2020-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا چىققان «ساختىپەزلىك» لەرنى كۈنتەرتىپكە قويدى.

بىرلەشمە سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى سېيىن سو يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك دېموكراتىيە بىرلەشمە پارتىيەسىنىڭ 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تارقىتىۋېتىلىدىغانلىقىنى ۋە پارتىيە مەسئۇللىرىنىڭ «ۋەتەن خائىنى» دەپ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر