ب د ت: غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە مىڭلارچە پەلەستىنلىك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 75 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1642430
ب د ت: غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە مىڭلارچە پەلەستىنلىك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى يېنس لائېركې، رايوندا ۋەزىيەتنىڭ قورقۇنچلۇق بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترەتلىرى ۋە ھالقىلىق ماللارنىڭ كىرىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ھەمدە غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا تارقىتىلىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانغا قەدەر، توقۇنۇشلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن خاتىمە بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە 10 – مايدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 75 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لائېركې، بۇلاردىن 47 مىڭ كىشىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ئورگىنىغا ئائىت 58 مەكتەپتە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى، 28 مىڭ 700 كىشىنىڭ بولسا، رايوندىكى ئائىلىلەر تەرىپىدىن مېھمان قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 10 – مايدىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا، 64 ى بالا بولۇپ، 228 كىشى شېھىت بولغان، 1620 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر