دۇنيا ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە ياۋروپاغا مەسئۇل مىنىستىر ياردەمچىسى يۋان گىل بىلەن مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.
1637861
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىل ئۆزىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ فوتو – سۈرەتلىرىنى ئورتاقلىشىپ: «ئىنسانلارنىڭ دېموكراتىيەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى دەپ جاكارلىغانلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئالدىدا سۈكۈت قىلماقتا! ئەمدى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن!!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.