كابۇلدا بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تۈنۈگۈن بىر مەكتەپنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى.

1636854
كابۇلدا بىر مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 50 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەن تۈنۈگۈن كابۇلنىڭ دەشتى بارچى رايونىدا سەييىدى شۇھەدا مەكتىپى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 50 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تارىق ئاريەن ھۇجۇمدا يارىلانغانلار سانىنىڭ 100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭمۇ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تارىق ئاريەن ھۇجۇمنىڭ دەسلەپتە  ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق، ئاندىن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئايرىم بومبىنى پارتىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۇقتۇردى.  

تارىق ئاريەن مائارىپ مەركەزلىرىنىڭ ئۇرۇشتا چىقىلىشقا بولمايدىغان جاي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،  بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتتى ۋە ھۇجۇمدا تالىباننىڭ جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئېيتتى.

تالىبان بولسا، بۇ ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر