كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

كولۇمبىيەدىكى يەتتە كۈندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان باج ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يېڭىدىن قازا قىلغان ئىككى كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 26 گە يەتتى.

1635786
كولومبىيەدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە ئومبۇدسمان ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 28 - ئاپرېلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى بىلەن تەڭ باشلىنىپ كەتكەن باج ئىسلاھاتىغا قارشى نامايىشلاردا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 24 تىن 26 گە كۆپەيگەنلىكى ئۇقتۇردى.

نامايىشلار باشلانغاندىن بۇيان كولومبىيە مىقيساىدا يوقاپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان 145 ئادەمنىڭ 55 ىنىڭ تېپىلغانلىقى، قالغان 90 كىشىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كولۇمبىيە ئەمگەك مىنىستىرى ئانگېل كاستودىئو كابرېرا، ھۆكۈمەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش كومىتېتى ۋەكىللىرى بىلەن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن بۇرۇن سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، پىرېزىدېنت ئىۋان دۇك بىلەن مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ 10 – مايدا ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىنغان سۆھبىتىنى تېخىمۇ بالدۇر ئۆتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت قانىتىنىڭ بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كابېرا، نامايىشلار جەريانىدىكى بارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر