ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 16 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۆچلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس شەھىرىدە ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 16 ياشلىق بىر پەلەستىن بالىنى شېھىت قىلدى.

1634935
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 16 ياشلىق بىر پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن نابلۇس شەھىرىنىڭ ئودالا بازىرىدا شېھىت قىلىنغان 16 ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا،  ئودالا بازىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ھەقىقىي ئوق تېگىپ يارىلانغان پەلەستىنلىك بىر ياشنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئودالا بازىرىدىكى ۋەقەلەر جەريانىدا بىر پەلەستىنلىك بالىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى خەۋىرىنى يازما بايانات ئېلان قىلىش ئارقىلىق جەزملەشتۈردى؛ ئەمما ھەر ئىككى باياناتتا، شېھىت قىلىنغان ياشنىڭ كىملىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر