ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رەھبەرلەر يىغىنىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىنالىرىنىڭ ئەقلى-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان پاتېنتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

1635442
ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى 7-8-ماي كۈنلىرى پورتۇگالىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «يىغىندا ۋۇخگن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە كونكرېت شەكىلدە قانداق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك پىكىر بىرلىكى بار» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنالارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن مەزكۇر ئەمەلدار، بۇنىڭغا قارىتا ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتقا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتى دىرېكتورى نگوزى ئوكونجو ئىۋېلا (Ngozi Okonjo-Iweala) نىڭ ۋاكسىنالارغا مۇناسىۋەتلىك سودا قائىدەلىرىنى ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تېكستنى مۇنازىرە قىلىش پىكرىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيىن (Ursula von der Leyen) مۇ ۋاكسىنالارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ ۋاكسىنالارغا مۇناسىۋەتلىك پاتېنت ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ مەيدانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇ ھەق-ھوقۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاترىن تاي (Katherine Tai) ۋاكسىنالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرەلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم غېبرېيىسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus)، ئامېرىكانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى مەدھىيەلىدى.

ئۇ: «ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتى جەسۇر ھەرىكەت. بۇ ۋۇخەن ۋىرۇسغا قارشى تۇرۇشتىكى پەۋقۇلئاددە پەيت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر