گېرمانىيەدە بىر شىپاخانىدا 4 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

گېرمانىيەنىڭ پوتسدام شەھىرىدە بىر شىپاخانىدا 4 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1630621
گېرمانىيەدە بىر شىپاخانىدا 4 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە، پايتەخت بېرلىندىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پوتسدام شەھىرىدە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپلار داۋالىنىۋاتقان شىپاخانىدا يۈز بەردى.

ۋەقەدىن كېيىن، شىپاخانىغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ساقچى ئەترەتلىرى ئەۋەتىلدى، ساقچىلار ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

ۋەقەدە 4 كىشىنىڭ جەسىتى بىلەن ئېغىر يارىدار ھالەتتىكى بىر كىشى تېپىلدى.

51 ياشلىق شىپاخانا خادىمى بىر ئايال، ھۇجۇم گۇماندارى سۈپىتىدە قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر