ھىندونېزىيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 181 كىشى قازا قىلدى

ھىندونېزىيەدە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 181 گە ئۆرلىدى.

1623918
ھىندونېزىيەدىكى كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 181 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى جوسېف نا سوي ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە تېخىمۇ كۆپ جەسەت تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى.

جوسېف نا سوي قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 181 گە ئۆرلىگەنلىنى تەكىتلەپ، ئىز- دىرىكى يوق 48 كىشىنى ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي نۇسا تېڭگارا ئۆلكىسىگە قاراشلىق فلورىس، لېمباگا ۋە ئالور قاتارلىق شەھەرلەردە 5-ئاپرىلدىن داۋاملىشىۋاتقان قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، تەخمىنەن 15 مىڭ ئۆي ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى.

ئېكۋاتور بەلبېغىغا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە بولۇپمۇ ئۆكتەبىردىن ئاپرېلغىچە  بولغان مەزگىلدە كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر