ئافغانىستان ئامېرىكانىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى

كابۇل ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 11 - سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈش قارارىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1621837
ئافغانىستان ئامېرىكانىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ  ئافغانىستاندىن چېكىنىشى جەريانىدا تېگىشلىك ياردەملەرنىڭ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆتكەن يىلى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئامېرىكا بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمىدىن بۇيان ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسىم ھەرىكەتلىرىنى مۇستەقىل ئېلىپ بارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەھدىتلەرگە قارشى ئافغانىستاننى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، نۆۋەتتىكى تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ پىداكارلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ۋە ئافغانىستان خەلقىنىڭ بۇ پىداكارلىقلارغا قەرزدار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە قىسىملىرىنى قوللاشنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچىدا ئامېرىكا ۋە ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش رامكىسى ئىچىدە يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋەتلەر سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر