فىرانسىيەدە 3- ۋە 6 - ئەسىرلەرگە تەۋە قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالدى
فىرانسىيەنىڭ كورسىكا رايونىدا 3- ۋە 6 - ئەسىرلەرگە تەۋە بىر قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالدى.
1621948
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فرانسىيە دۆلەتلىك ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا قاراشلىق ئارخېئولوگلار قەدىمقى دەۋرلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان كورسىكا رايونىدا نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە 40 جەسەت ساندۇقى تاپتى.
ئارخېئولوگلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ساندۇقتىكى جەسەتلەر 3-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا دەپنە قىلىنغان ئىكەن.
قەبرىستانلىق جايلاشقان ئىلې-روسسې يېزىسىدا قەدىمىي دەۋرلەردىمۇ ئىنسانلارنىڭ ياشىغانلىقى مەلۇم.
قەبرىستانلىقنىڭ تېپىلىشى بىلەن، بۇ يېزىنىڭ 18-ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخىنىڭمۇ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارالماقتا.