بلىنكېن كابۇلنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى.

1622249
بلىنكېن كابۇلنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كابۇلدا بلىنكېن ئافغانىستان ئالىي مۇرەسسە كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كېڭەشنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ يەنە، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم بېرىش ۋەدىسىنى تەقدىرلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل ساھەلەر بويىچە يېڭى ھەمكارلىق ۋە يېڭى مۇناسىۋەت دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر