تالىبان: چەت ئەل كۈچلىرى چېكىنمەي تۇرۇپ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىغىنغا قاتناشمايمىز

تالىبان، چەت ئەل كۈچلىرى دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1620959
تالىبان: چەت ئەل كۈچلىرى چېكىنمەي تۇرۇپ ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىغىنغا قاتناشمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ قاتاردىكى سىياسىي بىيۇروسى باياناتچىسى مۇھەممەد نائىم ۋارداك ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبانلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا كېڭىشىش ئارقىلىق قارار قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەل كۈچلىرى دۆلەتتىن چېكىنمەي تۇرۇپ، ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە، قاتار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ  ھەمكارلىشىپ تەشكىللىشى ئارقىسىدا 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ۋە 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئافغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ كەڭ دائىرىلىك يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «قاتتىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، پىرېزىدېنت (جو) بايدىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشنى ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى» دېگەنىدى.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئافغانىستاندا 2500 ئامېرىكا ئەسكىرى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر