بايدىن ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ ئاز مۇساپىر قوبۇل قىلغان پىرېزىدېنت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سايلام جەريانىدىكى ۋەدىلىرى خاتىرىلىتىلگەن ھالدا:«بايدىن ئامېرىكانىڭ يېقىن تارىخىدا ئەڭ ئاز مۇساپىر قوبۇل قىلغان پىرېزىدېنتى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلدى.

1619401
بايدىن ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ ئاز مۇساپىر قوبۇل قىلغان پىرېزىدېنت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش كومىتېتى (IRC) ئامېرىكانىڭ قوبۇل قىلغان مۇساپىرلار سانى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مەزگىلىدە ئىمزالانغان 15 مىڭ كىشىلىك مۇساپىر چېكىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «بايدىن ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى پات-پات تەنقىد قىلسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ ئاز مۇساپىر قوبۇل قىلغان پىرېزىدېنت بولۇشى مۇمكىن.»

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ 2021-يىلىدا قوبۇل قىلغان مۇساپىرلار سانى پەقەتلا 2 مىڭ 50 بولۇپ، بۇ نىسبەت بويىچە داۋاملاشقان تەقدىردە يىل ئاخىرىدا قوبۇل قىلىنغان مۇساپىرلار سانى 4 مىڭ 510 بولىدىكەن.

ترامپنىڭ ئاخىرقى يىلىدا 11 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ تۆۋەن مۇساپىر سانى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر