لې پېن پىرېزىدېنلىققا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

فىرانسىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىل مىللىي بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مارىن لې پېن، 2022 - يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ رىقابەتكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1618448
لې پېن پىرېزىدېنلىققا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لې پېن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، فىرانسىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرىنىڭ 2022 - يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچقا قالىدىغانلىقى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئەلرايى نەتىجىلىرى تۇنجى قېتىم غەلىبىنىڭ ماڭا تەئەللۇق بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن لې پېن، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيەدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرى، ئەگەر لې پېن ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا رىقابەتكە چۈشسە، %48 ئاۋازغا ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

لې پېن 2017 - يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنشىپ، بىرىنچى ئايلانمىدا %21.3، ئىككىنچى ئايلانمىدا %33.9 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.

فىرانسىيەنىڭ ئاشقۇن سولچىل «بويسۇنماسلىق ھەرىكىتى» رەھبىرى ژان لۇك مېلېنچون بىلەن فىرانسىيەنىڭ خاۋتس - فىرانسىيە رايونىنىڭ باشلىقى ۋە سابىق مىنىستىر شاۋىئېر بېرتراندمۇ 2022 – يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر