ئىسرائىلىيەدە تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرى پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە ھۇجۇم قىلدى

پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ رىمون تۈرمىسى رەھبەرلىكىگە قاراشلىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ، تۈرمىنىڭ بىر بۆلۈمىدە پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى،  تۈرمىدە  جىددىيچىلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1618022
ئىسرائىلىيەدە تۈرمە مۇھاپىزەتچىلىرى پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئەسىرلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ رىمون تۈرمىسى رەھبەرلىكىگە قاراشلىق مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ، كۈندىلىك يوقلىما ئەسناسىدا تۈرمىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، تەخمىنەن 90 كىشى بار بۇ بۆلۈمدە جىددىيچىلىكنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈرمە رەھبەرلىكىنىڭ زاپاس مۇھاپىزەتچىلەرنى يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى بارلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتلىرىدىن ئىسرائىلىيە تۈرمە باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر