نىگېرىيەدە خىتايلارنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ھادىسىسى ئەۋج ئالماقتا

نىگېرىيەنىڭ ئوسۇن ئۆلكىسىدە ئىككى خىتاي كان ئىشچىسى تۆلەم ئۈچۈن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلدى.

1616775
نىگېرىيەدە خىتايلارنى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىش ھادىسىسى ئەۋج ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:نىگېرىيە  دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر ئوسۇن ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئوكېپا/ ئىتىكان يېزىسىدىكى بىر ئالتۇن كانىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا، ئىككى خىتاي كان ئىشچىسى گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە ئالتۇن كاندىكى ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان.

ئالاقىدار دائىرىلەر رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان خىتايلارنى تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئوسۇن ئۆلكىسىدە ئىككى ئاي ئىلگىرىمۇ قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئۈچ خىتاي تۇتقۇن قىلىنغان ۋە بىر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

نىگېرىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۆلكىلىرىدە تۆلەم ئۈچۈن گۆرۈگە تۇتۇپ كېتىشنىڭ جازاسى ئۆلۈم دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر