نىگېرىيەدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا
نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئېبونيى ئۆلكىسىنىڭ تۆت ئايرىم رايونى كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1611944
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئېبونيى ئۆلكىسىنىڭ تۆت ئايرىم رايونىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 15 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.