لۇكاشېنكو ياۋروپانىڭ ئېمبارگوسىغا ئېمبارگو بىلەن جاۋاب قايتۇردى

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو دۆلىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن چەت ئەللىكلەر ۋە شىركەتلەرگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قارارنى تەستىقلىدى.

1611865
لۇكاشېنكو ياۋروپانىڭ ئېمبارگوسىغا ئېمبارگو بىلەن جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لۇكاشېنكو دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئىمزالىغان قارار بىلەن، بېلارۇسىيەلىك كىشىلەرگە ۋە شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن چەت ئەللىكلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ بېلارۇسىيەگە مال ئېكسپورت قىلىشى ۋە خىزمەت ئەكىلىشى چەكلەنگەن.

بىراق، قارارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان چەت ئەللىكلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىكلىرى ئورۇن ئالغان تىزىملىك كىرگۈزۈلمىدى.

بېلارۇسىيەدە 2020-يىلى 9-ئاۋغۇستتا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلامدا ھازىرقى پىرېزىدېنت لۇكاشېنكونىڭ غەلىبىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سايلامدا «ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە نامايىشلار باشلانغان ئىدى.

سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى ۋە لۇكاشېنكونىڭ قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۆكتىچىلەرگە بېسىم قىلىنغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، لۇكاشېنكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېلارۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ۋە بەزى شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرى ساياھەت قىلىشنى چەكلەش، مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن شەخس ۋە شىركەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قىلىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر