بلىنكېن: «بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۆككەن قاندىن چۆچۈدۇق»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشنى قوراللىق باستۇرۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۋىتتېر ئادرېسىدىكى باياناتىدا: «بىرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى تۆككەن قاندىن چۆچۈدۇق، مۇستەبىت ھەربىي ھاكىمىيەت ئاز سانلىقلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلماقتا» دېدى.
ئۇ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئارمىيەنىڭ تېررورلۇق ھاكىيىتىنى جەسۇر بىرما خەلقىنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈنۈگۈن بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوراللىق ئارىلىشىپ 114 نامايىشچىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.