خىتاي بىلەن ئىران 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
تېھران بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئىراننىڭ خىتاي ئىشقا كىرىشتۈرگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىدىن ئورۇن ئېلىشى نىشان قىلىنغان 25 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بارغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان 25 يىللىق كېلىشىم ئىمزالاندى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2016 – يىلى تېھران زىيارىتىدە تۇنجى قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن، ئىراننىڭ خىتاي ئىشقا كىرىشتۈرگەن «بىر بەلباغ، بىر يول» لايىھەسىدىن ئورۇن ئېلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن تېھراندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئىران رەھبىرى ئەلى ھامانېينىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلى لارىجانى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراقتىكى بىر تەبىئىي گاز مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى كور-مور تەبىئىي گازلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.