پەلەستىن ب د ت نىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

پەلەستىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى تەسىس قىلىشىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە پەلەستىننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1608078
پەلەستىن ب د ت نىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ قارارىغا باھا بەرگەن يازما باياناتىدا: «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا بەرپا قىلىنغان قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى توغرىسىدىكى قارارنىڭ ماقۇللىنىشى بۇ ئولتۇراق رايونلارنى قوللاشنىڭ توختىتىلىشىنى ۋە بايقۇت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

مالىكى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى تەسىس قىلىشىنى ئەيىبلىشى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارلارنى مۇتلەق كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىشىنىڭ كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن مالىكى: «تىنچلىق ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بۇزۇلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن چىقىرىلغان قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى قارارى 36 دۆلەتنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى توغرىسىدىكى قارار بولسا 42 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر