ئافغانىستاندا ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا تالىباننىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى.

1603190
ئافغانىستاندا ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى فىردەۋىس فارامارز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ساقچىلارنىڭ كابۇلنىڭ پاگمان ناھىيەسىگە قاراشلىق شاھ كادام رايونىدا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئىككى ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھۇجۇمدا  بىلدۈردى.

تالىبان ھازىرغىچە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئافغانىستاندا بىر تەرەپتىن تالىباننىڭ ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، زوراۋانلىقلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئافغانىستان بىلەن تالىبان ھەيئەتلىرى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاتار پايتەختى دوھادا ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر