بىرمادىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

بىرمادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا 1-فېۋرال (2021) دىن بۇيان جېنىدىن ئايرلغانلارنىڭ سانى 149 غا يەتتى.

1602793
بىرمادىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك (Stephane Dujarric) كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىرمادا قىيىن-قىستاق ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن ىەۋەرلىرىنىڭ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 1-فېۋرالدىن بۇيان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 149 غا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىرما ئارمىيەسىنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارنىڭ «دەھشەتلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرگە، بىرمادا دېموكراتىيەنىڭ قايتىدىن ئورنىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي يىرىكچىلىكلەر كۈچەيگەندىن كېيىن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما خەلقى 6-فېۋرالدا دېموكراتىيەگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر