نىگېرىيەدە نۇرغۇن بوكو ھارام ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 41 تەشكىلات ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1602145
نىگېرىيەدە نۇرغۇن بوكو ھارام ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇھەممەد يېرىمانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق گامبورۇ نگالادىكى گۇلۋا ۋە مۇسۇرى رايونلىرىدا، بوكو ھارام نىشان قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا، 41 تەشكىلات ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن، كۆپ ساندا تېررورچى يارىلانغان، تېررورچىلارغا ئائىت مۇھىم ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن، بوكو ھارام گۆرۈگە ئېلىۋالغان 60 ئايال ۋە بالىلار قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 4 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا ئەسكەر يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر