ئانتونىي بىللىنكېن رۇسىيەدىكى بىر يىغىندا 200 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر باشلىقى سايلىمىغا قارىتا ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن موسكۋادا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىندا 200 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1600885
ئانتونىي بىللىنكېن رۇسىيەدىكى بىر يىغىندا 200 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىللىنكېن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رۇسىيە ھۆكۈمىتى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ۋىلادىمىر كارا-مۇرزا ۋە يۇلىيا گاليامىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 گە يېقىن شەھەرلىك رەھبەر ۋە سىياسىئونلارنى گۇمانلىق دېگەن سەۋەب بىلەن قولغا ئالدى. بىز مۇستەقىل ئاۋازلارنىڭ سوتلىنىشىغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

رۇسىيەدە ساقچىلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۆكتىچى سىياسىئونلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا بېسىپ كىرىپ،  200 كىشىنى تۇۇتقۇن قىلغان ئىدى.

ساقچىلارنىڭ باياناتىدا، موسكۋادىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، كوۋىد-19 چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ۋە يىغىننىڭ  «مەسىلىسى بار»  بىر تەشكىلات تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سىنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەش ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان ئۆكتىچى ۋەكىللەر مەزكۇر يىغىندا بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر