رۇسىيە ئامېرىكانى تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنى ناھەق رىقابەت ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

رۇسىيە ئامېرىكانى تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنى ناھەق رىقابەت ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ھەمبەھىرلەنگەن مەزمۇنلارنى خالىغانچە چەكلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1600892
رۇسىيە ئامېرىكانى تېخنىكا ئىمكانىيەتلىرىنى ناھەق رىقابەت ئۈچۈن ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا فېيسبۇكتا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ بىرەر ئۆلچىمىنىڭ يوقلىقىنى ۋە بۇنىڭ تېخنىكىلىق چېگىشلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارىيا زاھاروۋا: «دىگېتال مەزمۇنلار ھېچبىر مەھكىمە ياكى مەسئۇل ئورگاننىڭ قارارىسىز بەزى باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئىختىيارى شەكىلدە خالىغانچە چەكلەنمەكتە» دېدى.

مارىيا زاھاروۋا ۋاشىنگىتوننىڭ بۇ ئۇچۇر ۋە تېخنىكا ئەسلىھەلىرىنى ھەر ساھەدە ناھەق رىقابەتنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە مۇشۇ ھەپتە تىۋىتتېرنىڭ چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى ئۆچۈرمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ تىۋىتتېرنى پۈتۈنلەي چەكلەش بىلەن تەھدىت سېلىسى، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر