ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا ئېكسپورت بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يانۋار (2021) ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئېكسپورتىغا چەك قويغان مېخانىزم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

1599512
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا ئېكسپورت بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دورا شىركەتلىرى بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى تەمىنلەش ئىشلىرىدا مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن باشلانغان ئەزا دۆلەتلەردىكى فابرىكالاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنالارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنى رۇخسەتكە تەئەللۇق قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتى، ئىيۇن (2021) ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يانۋار (2021) ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئېكسپورتىغا چەك قويغان مېخانىزم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەشتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مېخانىزم ئىجرا قىلىنغان ئالتە ھەپتىلىك مەزگىلدە، 31 دۆلەتكە جەمئىي 34مىليون 90 مىڭ 267 دانە ۋاكسىنانىڭ ئېكسپورت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە 9.1 مىليون، كاناداغا 3.9 مىليون، مېكسىكاغا 3.1 مىليون، ياپونىيەگە 2.7 مىليون، سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1.4 مىليون، خوڭكوڭغا 1.3 مىليون، سىنگاپور ۋە ئامېرىكاغا 1 مىليوندىن 2 مىليون، چىلىغا 900 مىڭ، مالايشىياغا 800 مىڭ دانە ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىنغانلىقى، جەمئىي 249 ۋاكسىنا ئېكسپورت تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە بىر تەلەپنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكسىنا تاپشۇرۇشتا كېچىكىش مەسىلىلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن ۋاكسىنا ئېكسپورت رۇخسەت قىلىش مېخانىزمنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر