ئاقدېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلغان كۆچمەنلەر سانى ئاشماقتا

بۇ يىل ئاقدېڭىز لىنيەسى ئارقىلىق ياۋروپا ساھىللىرىغا بارماقچى بولغان 190 كۆچمەننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1599125
ئاقدېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلغان كۆچمەنلەر سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل (2021) ئاقدېڭىز لىنيەسى ئارقىلىق ياۋروپا ساھىللىرىغا بارماقچى بولغان 190 قانۇنسىز كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ۋە خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتى(IOM)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق يازما باياناتتا، يېقىنقى كۈنلەردە ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن كۆچمەن تىراگېدىيەلىرىنىڭ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 10-مات) تۇنىسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سفاكس (Sfaks) ۋىلايىتىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى قولۋاقنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 39 كۆچمەننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە بۇنىڭدىن چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ يىل ئاقدېڭىز لىنيەسى ئارقىلىق ياۋروپا ساھىللىرىغا بارماقچى بولغان 190 كۆچمەننىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئىتالىيەگە قەدەم باسقان كۆچمەنلەر سانىنىڭ 5 مىڭ 700 گە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارىياتى ۋە خەلقئارا كۆچ تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتكۈل ئاقدېڭىز تەۋەلىكىدە 251 قانۇنسىز كۆچمەن جېنىدىن ئايرىلغان ۋە دۇنيا مىقياسىدا جېنىدىن ئايرىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى 446 گە چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر