بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئالاقىدار تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئالاقىدار يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1599059
بلىنكېن: تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزغا ئالاقىدار تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، پالاتا ئەزالىرىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىنىڭ مابەينىدە شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە ئىجابىي تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بلىنكېن: «تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي قەدەم تاشلىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى نەتىجىسىدە رايوندىكى جىددىيچىلىك پەسكۇيغا چۈشكەندەك قىلىدۇ. بىز بۇنى قوللايمىز ۋە بۇ خىل قەدەملەرنىڭ مۇشۇ يۆنىلىشتە تاشلىنىشىغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا شەرقىي ئاقدېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلۇشى، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسىگە دىققەت قىلىدۇ. رايوندىكى تالاش - تارتىشلارنى ھەربىي ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئەمەس، تىنچ يول بىلەن دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلغىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر