ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرمانى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن نامايىشچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى تۇنجى قېتىم ئەيىبلىدى.

1599013
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرمانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىدىن كېيىن، ئىلگىرى پەقەت دۆلەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان، لېكىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بۇ قېتىم نامايىشچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئەيىبلەش مەسىلىسىدە مۇرەسسەلەشتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلاردا نامايىشچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق تۇنجى قېتىم ئەيىبلەندى، ھەمدە ئارمىيە تەرەپ سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىڭ ئەيىبلىنىشى بولسا، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن، باياناتتىن ئورۇن ئالمىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 15 ئەزاسى بار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بىرمادا دېموكراتىك باسقۇچقا ئۆتۈش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە زوراۋانلىقتىن ساقلىنىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر