ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئېكسپورتنى توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1598519
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋاكسىنا توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەگە ئوخشاش ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىمىگەنلىكىنى ۋە ئېكسپورتنى ھېچقاچان توختاتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ ھەپتىلىك خەۋەرلەر پىروگراممىسىدا يازما ئېلان قىلىپ، 450 مىليون نوپۇسلۇق 27 ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىغانلىقلىرىنى، بەزى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئۈمىدسىزلىكلەرنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ: «ياۋروپا بولمغان بولسا، بىر يىلدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر قانچە خىل ۋاكسىنا ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىن بولمايتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى قىلدى دېگەن ئەيىبلەشلەردىن قاتتىق ھەيران قالدىم. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا، ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنالار ۋە ۋاكسىنا ماتېرىياللىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى. دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە رايون بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنالارنىڭ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىمە چىقاردى. مەقسىتىمىز زاكاس قىلىنغان ۋە ۋاكسىنا ئۈچۈن زاكالەت بەرگەن شىركەتلەرنىڭ ۋاكسىنالىرى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ۋەدە قىلىنغان ئىكەن باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى ھېچقاچان ئېكسپورتنى توختاتمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر