ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ھۇسىيلارنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

1597673
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ھۇسىيلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېلنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقى، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ  يەمەننىڭ پايتەختى ساناغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پۇقرالار نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەمەندىكى توقۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكىمۇ، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇملار ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەرۋەقە، بۇ ھۇجۇملار مەسۇم پۇقرالار ۋە رايوندىكى ئامېرىكالىقلارنىڭمۇ ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلماقتا.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىېمۇ، ھۇجۇملارنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا دائىم دېگۈدەك ھۇجۇم قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، بۇ، تىنچلىق مەسىلىسىدە جىددىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان بىر گۇرۇپپىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەستۇر.»

يەمەندىكى ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلار، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم سەزگۈر نۇقتىلارغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، نېفىت تىرانسپورتى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورتلاردىن «راس تانۇرا پورتى» ۋە « Saudi Aramco »  مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر