ئادەم ئەتكەسچىلىرى 80 دىن ئاتۇق كۆچمەننى پاراخوتتىن دېڭىزغا ئاتتى

جىبۇتىدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىرى تەرىپىدىن دېڭىزغا تاشلانغان 80 كۆچمەندىن كەم دېگەندە 20 سى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1594534
ئادەم ئەتكەسچىلىرى 80 دىن ئاتۇق كۆچمەننى پاراخوتتىن دېڭىزغا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى شەرقىي ئافرىقا ۋە ئافرىقا مۆڭگۈزى رايونلۇق دىرېكتورى مۇھەممەد ئابدىكەر تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەنگە بارىدىغان بىر ئەتكەسچىلىك پاراخوتىدىن دېڭىزغا تاشلىۋىتىلگەن 80 كۆچمەندىن كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ جىبۇتىنىڭ ئوبوك دېڭىز قىرغىقىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ئابدىكەر نەچچە مىڭلىغان ئافرىقىلىق ياشنىڭ يەمەن ئارقىلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بېرىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ،  بۇنىڭ يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى قېتىملىق پاجىئە ئىكەنلىكىنى ۋە ھازىرغىچە 70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامانلىق خادىملىرىدىن قورققان ئادەم ئەتكەسچىلىرى بەزىدە قېچىش ئۈچۈن كۆچمەنلەرنى پات-پات دېڭىزغا تاشلىۋىتىشتەك پاجىئەلەرنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر