مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكادا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى سەۋەبىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسىغا سۇندى.

1594205
مۇسۇلمان پالاتا ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلخان ئۆمەر يازما باياناتىدا، شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك سىنىقى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ئامېرىكا راستىنلا پىكىر ئەركىنلىكىنى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوللايدىغان بولسا، ئىستىخبارات تەشكىلاتىمىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، مۇھەممەد بىن سالماننىڭ جىنايەتنى تەستىقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۇرۇغلۇق، مۇھەممەد بىن سالمانغا ئېمبارگو يۈرگۈزمەسلىككە ھېچقانداق سەۋەبى يوق» دېگەن قارىشىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد بىن سالمان جازاغا تارتىلمىغان ھەر بىر مىنۇتنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە خەتەر ئاستىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن بىر جازا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىلخان ئۆمەر، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ رۇسىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش «مۇقىمسىزلىقنى بۇزىدىغان ياكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سادىر قىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە قوشۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلخان ئۆمەر: «سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسىغا باشقىچە مۇئامىلە قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھېچكىشى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئارقىدىن قويۇپ بېرىلمەسلىكى لازىم. يەرشارى خاراكتېرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم قىممەت قاراشلىرىمىز بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (DNI) نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى، چوڭ غۇلغۇلا ياراتقان بولۇپ، ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى شاھزادىگە قارىتا ھېچقانداق ئېمبارگو قارارى ماقۇللىمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر