ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنېزۇئېلا ۋەكىلىنى «خالانمىغان ئادەم» دەپ جاكارلىدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى)ۋېنېزۇئېلانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋەكىلى باش ئەلچى كلاۋدىيا سالېرنو كالدېرانى «خالانمىغان ئادەم دەپ ئېلان قىلدى.
1591147
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قارارنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى توغرىسىدا چىقارغان قارارىغا ماس قەدەمدە چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.