گېرمانىيەدە سۈرىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر كىشىگە 4.5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

گېرمانىيەدە سۈرىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئەياد ئەل غارىپ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياردەم بېرىش» بىلەن ئەيىبلەندى.

1590360
گېرمانىيەدە سۈرىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر كىشىگە 4.5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس گېرمانىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ سۈرىيە ئىستىخباراتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەياد ئەل غارىپنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ياردەم بېرىش» بىلەن ئەيىبلەپ، 4.5 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە قارىتا «تارىخىي ئەھميەتكە ئىگە بىر قارار» دەپ باھا بەردى.

ھايكو ماس تىۋىتتېردىكى باياناتىدا، بۇ قارارنىڭ سۈرىيەدىكى قىيىن-قىستاقلاردا جاۋابكارلىقى بولغان كىشىلەرنى ھېسابقا تارتىدىغان ۋە ھېچ بولمىغاندا ئازراق بولسىمۇ  ئادالەت بەرپا قىلىدىغان تۇنجى قارار بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھايكو ماس بۇ قارارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھايكو ماس بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «ئاقىۋەتتە، بۇ دېلو خەلقئارالىق جىنايەت سادىر قىلغان ھەرقانداق بىرسىنىڭ  ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى» دېدى.

سۈرىيەدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى ئاشكارىلاش ۋە ئاندىن ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ماس، بۇ جەھەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەلىل-ئىسپات توپلاش مېخانىزمىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بولغاندا بۇ خىل دېلولارنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كوبلېنز ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان قارار ئارقىلىق ئەياد ئەل غارىپنىڭ سۈرىيە ئىستىخبارات ئورگىنى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2011 - يىلى كۈزدىكى ئەرەب باھارى نامايىشلىرىدا 30 نامايىشچىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈرمىگە يۆتكەشكە ياردەم بەرگەنلىكى ئىسپاتلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر