ئامېرىكادىكى قاتتىق سوغۇق تەخمىنەن 60 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئامېرىكادا تېكساس قاتارلىق نۇرغۇن رايونلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن قار ۋە مۇز سەۋەبىدىن تەخمىنەن 60 كىشى قازا قىلدى.

1587597
ئامېرىكادىكى قاتتىق سوغۇق تەخمىنەن 60 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدېن تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن بېرى دۆلەتنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇب قىسمىغا تەسىر قىلغان شىمالىي قۇتۇپ سوغۇقلىرى سەۋەبىدىن تېكساس ئىشتاتىدا «چوڭ ئاپەت» ئېلان قىلدى.

«CNN» قانىلىنىڭ ئاقساراي باياناتىنى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن قىش پەسلىدىكى قاتتىق سوغۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن <چوڭ ئاپەت> ئېلان قىلىپ، دۆلەتلىك ۋە يەرلىك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە فېدېراتىپ ياردەم بېرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېكساس ئىشتاتىدا توك بىلەن تەمىنلەش قايتا باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن 80 مىڭ كىشى ئېلېكتېرىكتىن مەھرۇم ھالدا تۇرماقتا. رايوندىكى  14 مىليون كىشى تېخىچە پاكىز سۇ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

تېكساستىكى يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بېرى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان سوغۇق قىش پەسلىنىڭ ناچار ھاۋارايى رايونغا  45 - 50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ماددىي زىيان يەتكۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر