ئىران: ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بايدىننى قايىل قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېھرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىغا قارشى پىرېزىدېنت جو بايدىننى قايىل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1584422
ئىران: ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بايدىننى قايىل قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر زەرىف، «‹ Kyodo› ئاگېنتلىقى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى، ياپونىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولى ئويناش ئېھتىماللىقى ۋە ئىراننىڭ ياپونىيە بانكىلىرىدىكى مال – مۈلۈكلىرى ھەققىدە توختالدى.

دۆلىتىگە قارشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننى قايىل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان زەرىف، ياپونىيەنىڭ «ئىراننىڭ قەدىناس دوستى» ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن خەلقئارا قانۇن ساھەسىدە ياپونىيەنىڭ بىر دوست سۈپىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن زەرىف، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقتىن، ياپونىيە ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ ياخشى رول، ئامېرىكالىقلارنىڭ قانۇنسىز قارارلىرىنى ئىجرا قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ قويۇشىدۇر.»

زەرىف، 2020 – يىلى، سېنتەبىر ئېيىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدې ھۆكۈمىتىگە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ياپونىيە بانكىلىرىدا توڭلىتىپ قويۇلغان ئىرانغا ئائىت مال – مۈلۈكلەر ۋە سەرمايەلەرگە قارىتا چەكلىمىلەرنى يېنىكلىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

زەرىفنىڭ قارىشىچە، ئېمبارگولار سەۋەبىدىن  ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە بانكىلىرىدا، ئىرانغا ئائىت تەخمىنەن 10 مىليارد دوللارلىق مال – مۈلۈكلەر ۋە سەرمايەلەر توڭلىتىپ قويۇلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر