دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 400 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىليون 412 مىڭ 145 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 109 مىليون 413 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 81 مىليون 506 مىڭدىن ئاشتى.

1583716
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 400 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 497 مىڭ 174 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، 28 مىليون 261 مىڭ 470 تىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى.

يېقىنقى 24 سائەتتە بىرازىلىيەدە 713، مېكسىكادا 436، ئارگېنتىنادا 48، كولومبىيەدە 180، پېرۇدا 212، چىلىدا 98، بولىۋىيەدە 47، تۇنىستا 36، لىۋاندا 32، ماراكەشتە 17، ئىراقتا 15، ئىيوردانىيەدە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ دۆلەتلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى تۆۋەندىكىچە بولدى:

بىرازىلىيە 239 مىڭ 294، مېكسىكا 174 مىڭ 207، ئارگېنتىنا 50 مىڭ 236، كولومبىيە 57 مىڭ 605، پېرۇ 43 مىڭ 703، چىلى 19 مىڭ 541، بولىۋىيە 11 مىڭ 202، تۇنىس 7 مىڭ 544، لىۋان 3 مىڭ 993، ماراكەش 8 مىڭ 477، ئىراق 13 مىڭ 179 ۋە ئىيوردانىيە 4 مىڭ 455.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 258 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 117 مىڭ 166 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 10 مىڭ 972 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 4 مىليون 38 مىڭ 78 گە چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 221 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 93 مىڭ 577 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 11 مىڭ 68 كىشى يۇقۇملىنىپ، 2 مىليون 721 مىڭ 879 غا چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 167 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 81 مىڭ 814 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 16 مىڭ 546 كىشى يۇقۇملىنىپ 3 مىليون 465 مىڭ 163 كە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 79 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 11 مىڭ 67 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 155 مىڭ 764 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 916 مىڭ 589 غا چىقتى.


خەتكۈچ: #ۋىۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر