نىيۇيورك مېترو لىنىيەسىدە قىسقىغىنە ۋاقىتتا بىر قانچە قېتىم پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ نىيۇيورك شەھىرى مېترو لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق  ھۇجۇملاردا 2 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 2 كىشى يارىلاندى.

1583158
نىيۇيورك مېترو لىنىيەسىدە قىسقىغىنە ۋاقىتتا بىر قانچە قېتىم پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بىر قانچا سائەت ئىچىدە ئوخشاش مېترو لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملار بىرلا كىشى تەرىپىدىن قىلىنغان بولىشى مۇمكىن» دەپ گۇمان قىلىنماقتا.

ئالاقىدار مەسئۇللار گۇماندارنى ئىزدەپ تۇتۇش خىزمەتلىرى باشلانغانلىقىنى ۋە تەكشۈرۈش دائىرىسىدە مېترو لىنىيەسىنىڭ كۆزىتىش كامېراسى ئارخىپلىرى تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، شەھەردىكى مېترو سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە 500 ساقچىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر