ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ قۇنار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاش 5 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1582922
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ساقچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇنار ۋىلايەتلىك كېڭەش ئىشلىرى ۋەكىلى دىن مۇھەممەد فازلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇنار ۋىلايىتىنىڭ چاپا دەرە ناھىيەسىدە تالىبان تەرىپىدىن يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا، ساقچى ئاپتوموبىلى رايوندىن ئۆۈپ كېتىۋاتقاندا پارتلىتىغان، پارتلاشتا 5 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قەندەھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 12 ساقچى يارىلانغان.

ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تارىق ئاريەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەندەھار ۋىلايىتى ئارگانداب ناھىيەسىنىڭ قوھاق رايونىدىكى ساقچىخانا ئەتراپىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 12 ساقچى يارىلانغان.

قەندەرھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى جامال ناسىر بارىقزەيمۇ، ھۇجۇمنىڭ بومبا قاچىلانغان بىرونېۋىك ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر