زېلېنىسكى دونباس رايونىنى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دونباس رايونىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1582192
زېلېنىسكى دونباس رايونىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زېلېنىسكى 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن بىرلىكتە دونباس رايونىدا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ھەمدە ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن.

زېلېنىسكى، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، 2020 – يىلى، ئىيۇن ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ  مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندىن بۇيان رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇش توختىتىش نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ ھاياتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە،  2018 – يىلى 121، 2019 – يىلى 100، 2020 – يىلى 50 ئۇكرائىنا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتقان زېلېنىسكى، ئاۋدىبىيكا ئالدىنقى سېپىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئەسكەرلەرنىڭ ئابىدەسىگە گۈلچەمبىرەك قويغان ۋە ھۆرمەتتە تۇرغان.

دونباس رايونىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تەشكىل تاپقان ئۈچ تەرەپلىك ئالاقىشىش گۇرۇپپىسى، 2020 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن ئېتىبارەن كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندا ئاتالمىش مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەر بىلەن كىيېۋ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا،  2014-يىلدىن باشلاپ يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا  13 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر