سۈرىيەنىڭ باب ناھىيەسىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان باب ناھىيەسىگە قاراشلىق تەرھىن رايونىغا بالىستىك بشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، ئالتە پۇقرا يارىلانغان.

1580765
سۈرىيەنىڭ باب ناھىيەسىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2021-يىلى 9-فېۋرال) كەچتە باب ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تەرھىن رايونىغا، ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشتى.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلاردا، ھۇجۇمدا ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، ئالتە پۇقرا يارىلاندى. بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېتىلغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ھۇجۇمدا يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. نەق مەيدانغا نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىللىرى ئەۋەتىلدى.

جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر