ياۋروپا ئىتتىپاقى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، لىۋىيە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى ۋە ئەزالىرى بىلەن باش مىنىستىرنىڭ سايلانغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، يېڭى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1579217
ياۋروپا ئىتتىپاقى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل (Josep Borrell) ياۋروپا كېڭىشى نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بېرلىن مۇساپىسىنىڭ مۇھىم مۇساپە تېشى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرىدىكى سايلام نەتىجىسىدە، 2021-يىلى 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىنغان ئومۇمىي سايلامغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان مۇھەممەد ئەل مەنفى، باش مىنىستىرلىققا سايلانغان ئابدۇلھامىت دۇبەيبە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېڭى ۋە كەڭ دائىرىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، بېرلىن كونفېرانسىدىن بۇيان لىۋىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىق يولىدا چوڭ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللاشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۇ دائىرىدە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى بۇزماقچى بولغانلارغا قارشى ئېمبارگو ۋاستىسىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىدۇ.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيەنى سايلامغا يەتكۈزىدىغان مۇساپىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنى، ب د ت قورال ئېمبارگوسىغا بويسۇنۇشنى، بارلىق چەت ئەللىك جەڭچىلەرنىڭ ۋە ياللانغان ئەسكەرلەرنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى بويىچە چېكىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. چەت ئەللىك ئەسكەرلەرنىڭ لىۋىيەنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر