ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتى ئامېرىكادىن قورال سېتىۋېلىشنى تەستىقلىدى
ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتى ئامېرىكادىن 9 مىليار دوللار قىممىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئىلغار ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش پىلانىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابېنتى ئامېرىكادىن 9 مىليار دوللار قىممىتىدە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئىلغار ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش پىلانىنى تەستىقلىدى.
ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە، پىلاننىڭ ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈلۈپ تەستىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكادا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچار ۋە ھاۋادا يېقىلغۇ قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ پىلان قىلىنغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە يەتتە سائەت داۋاملاشقان يىغىنغا، ئىسىرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېنني گانتز (Benny Gantz) مۇ قاتناشتى.
ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، مالىيە مىنىستىرلىقى تېل ئاۋىۋنىڭ پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكا بانكالىرىدىن قەرز ئېلىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىسىرائىلىيەگە قىلىۋاتقان يىللىق ياردەملىرىنى قىسقارتىدىغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كېلىشىمگە قارشى چىقتى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ئامېرىكادىن سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەزىلىرىنى، چىنۇك تەك ئۇچارلىرى،
«F-35» ۋە «F-16» ئايروپىلانلىرى، بومبىلار ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق قوراللار تەشكىل قىلىدۇ.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكا، 2018-يىلى ئىسىرائىلىيەگە 10 يىل ئىچىدە 38 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەربىي ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.