دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 106 مىليون 691 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 327 مىڭ 360 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 106 مىليون 691 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 78 مىليون 379 مىڭدىن ئاشتى.

1579332
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 106 مىليون 691 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 474 مىڭ 933 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئامېرىكادا، 27 مىليون 611 مىڭ 400 دىن ئارۇق كىشى يۇقۇملاندى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 373 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 مىڭ 845 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 112 مىڭ 465 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 945 مىڭ 680 گە چىقتى.

ئەنگلىيە دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىدا، 16 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تەخمىنەن 500 مىڭ كىشىنىڭ 74 مىڭىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغاندىن تارتىپ ئارىدىن بەش ھەپتە ئۆتكەندە ھېلىمۇ يۇقۇملانغۇچىلاردا كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدە ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەر سانىنىڭ 12 مىليون 14 مىڭ 288 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 270 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 91 مىڭ 273 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 11 مىڭ 641 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 2 مىليون 636 مىڭ 738 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 171 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 78 مىڭ 965 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 19 مىڭ 715 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 337 مىڭ 48 گە چىقتى.

خىتاي دورا شىركىتى سىنوپخارم (Sinopharm) تەرىپىدىن ياسالغان بىرىنچى تۈركۈمدىكى 300 مىڭ شىشە ۋاكسىنانىڭ پېرۇغا يەتكۈزۈلدى.

پېرۇ پىرېزىدېنتى فرانجىسكو ساگاستى تۋىتتېردا: «بىز ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي جېنىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ۋە ئالدىنقى سەپلەردە ۋىرۇسقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە تەييارمىز» دېدى.

بۈگۈنگىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 42 مىڭ 308 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان پېرۇدا، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 186 مىڭ 698 گە چىقتى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر