ب د ت لىۋىيەلىك بارلىق تەرەپلەرنى  سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش لىۋىيەدە سايلاملارغا قەدەر يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، لىۋىيەلىك بارلىق تەرەپلەر ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

1578267
ب د ت لىۋىيەلىك بارلىق تەرەپلەرنى  سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ بېكىتىلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ تاماملىنىشى ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن گۇتېرېش، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئەزالىرىنى تەبرىكلىدى.

بۇ باسقۇچنىڭ لىۋىيەدىكى بارلىق ئاكتىيورلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۇتېرېش، لىۋىيە بارلىق تەرەپلەر ۋە خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنى «ئوچۇق – ئاشكارا ۋە كەڭ دائىرىلىك» ھالدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ باسقۇچ ھەم سايلام نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، لىۋىيەدە تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، 2021 – يىلى 24 – دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلاملارغىچە، پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە مۇھەممەد مەنفى، باش مىنىستىرلىقىغا ئابدۇلھامىد دىبەيبە سايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر