پاكىستاندا ئىرانلىق تۇتقۇن بېلىقچىلار قويۇپ بېرىلدى
ئىران پاكىستان سۇ تەۋەلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقى سەۋەبلىك تەخمىنەن 4 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىرانلىق 17 بېلىقچىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
1578057
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندا 4 ئاي ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئىرانلىق 17 بېلىقچى قويۇپ بېرىلگەن، ھەمدە ئۇلار قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا ئىرانغا قەيتقان.
تەخمىنەن 4 ئاي ئىلگىرى سەۋەنلىكتىن پاكىستاننىڭ سۇ تەۋەلىكىگە كىرگەن ئىرانلىق بېلىقچىلار، پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، تۈرمىگە تاشلانغانىدى.