دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 105 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 295 مىڭ 580 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 105 مىليون 456 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 77 مىليون 158 مىڭدىن ئاشتى.

1577923
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 105 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 466 مىڭ 988 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 27 مىليون 273 مىڭ 890 غا يەتتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 915 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 مىڭ 634 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 110 مىڭ 250 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 892 مىڭ 459 غا چىقتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 422 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 90 مىڭ 241 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 659 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 597 مىڭ 466 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 357 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، جەمئىي سان 77 مىڭ 952 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 23 مىڭ 448 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 3 مىليون 274 مىڭ 608 گە چىقتى.

بىر ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، %71 فىرانسىيە خەلقى ھۆكۈمەتنى ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا «توغرا ۋاقىتتا توغرا قارارلارنى ئالمىدى» دەپ قارايدىكەن.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 432 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 60 مىڭ 802 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 29 مىڭ 960 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 943 مىڭ 349 غا چىقتى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 855 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 60 مىڭ 885 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 2 مىڭ 908 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 265 مىڭ 536 گە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 55 مىڭ 131 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىليون 135 مىڭ 412 كىشى يۇقۇملانغان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كولومبىيەدە، خىتاينىڭ سىنوۋاك شىركىتىنىڭ «كورونا ۋاك» ۋاكسىناسىنى ئەملەشكە رۇخسەت بېرىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 41 مىڭ 753 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 1 مىليون 165 مىڭ 52 كىشى يۇقۇملانغان پېرۇدا، ئۈچ شەھەردە بىرازىلىيەدە كۆرۈلگەن ۋىرۇسنىڭ يېڭى تۈرى بايقالدى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 154 مىڭ 862 گە، يۇقۇملانغانلار 10 مىليون 803 مىڭ 533 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى كۆرۈلگەندىن بۇيان 14 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭ 504 كىشى يۇقۇملانغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن 5-فېۋرال (2021) دىن 15-فېۋرالغىچە سىرتقا چىقىشقا چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 مىڭ بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 675 مىڭ 618 كىشى يۇقۇملانغان ئىسىرائىلىيەدە، باش تەپتىش ئاۋىچاي ماندېلبلت (Avichai Mandelblit)، باش مىنىستىر نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 5-فېۋرال) ئەتىگەن ئاخىرلىشىدىغان كارانتىننى يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

تۇنىستا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 68 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 7 مىڭ 48 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 1 مىڭ 270 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 213 مىڭ 949 غا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر